ئامېرىكا سودا ھەيئىتى بېيجىڭدا مۇزاكىرەلىرىنى باشلىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇجىننىڭ باشچىلىقىدىكى سودا ھەيئىتىنىڭ 3-ماي بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

964059
ئامېرىكا سودا ھەيئىتى بېيجىڭدا مۇزاكىرەلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇجىن سودا ھەيئىتىنىڭ خىتايدا ناھايىتى ياخشى بولغان ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ۋە دۇنيا بازارلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن سودا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىن بىر ھەيئەت تۈنۈگۈن (3-ماي) بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىغان ئىدى.

ئۇچرىشىشلارنىڭ بۈگۈن (4-ماي) مۇ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ قىسقا ۋاقىتتا يولغا قويۇشى مۇمكىن بولغان پىلان-تەدبىرلەر، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئېكسپورتىغا قارشى يولغا قويىدىغان تەخمىنەن 50 مىلياردلىق تاموژنا بېجى قارارىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن.

 مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇجىن ۋە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې باشچىلىق قىلغان ئۇچرىشىشلاردا، خىتاينىڭ تېخنىكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش سىياسىتىدىن تېخنىكا تەرەققىياتىغا دۆلەتنىڭ ياردەم قىلىشىغىچە بولغان ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ سودا سىياسىتى ھەققىدىكى شىكايەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ستېۋېن منۇجىن مۇخبىرلارغا بەرگەن  باياناتىدا: "ئۇچرىشىشلىرىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ' دېدى، ئەمما تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى.

ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پۇرچاق ۋە ئايروپىلانلاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوخشاش شەكىلدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا تەھدىت سالغان خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، مۇزاكىرەلەرنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ منۇجىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوللايدىغان بىر تۋىتنى ھەمبەھىرلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ: "بىزنىڭ كۈچلۈك پۇل-مۇئامىلە ھەيئىتىمىز، خىتاينىڭ سودا ئويۇنىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بىر كېلەچەكتە رەئىس شى بىلەن كۆرۈشۈشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن. ھەر قاچان ناھايىتى ياخشى بولغان مۇناسىۋەتكە ئىگە بولىمىز"دېدى.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا سودا ھەيئىتىنىڭ بېيجىڭغا كېلىشى، ئامېرىكانىڭ "چوڭ سودا ئۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقى" نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ يول قويالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈش ناھايىتى تەس ئىكەن. بىراق، شۇنداق بولسىمۇ، بىر يەردىن باشلاش ياخشى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر