ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلېكترونلۇق مېڭە ساھەسىگە 1 يېرىم مىليارد ياۋرو ئاجرىتىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئېلېكترونلۇق مېڭە ساھەسىدىكى سىناق ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈچۈن 2020- يىلىغا قەدەر 1 مىليارد 500 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كومىتېتى ئەزا دۆلەتلەردە ئېلېكترونلۇق مىڭە ساھەسىدىكى سېلىنمىلارنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە رىقابەتنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغان بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىم – پەن تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ماسلاشتۇرۇش لايىھەلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان «ھورىزون 2020 پىروگراممىسى» ئېلېكترونلۇق مىڭە ساھەسىگە 1 مىليارد 500 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالىدىكەن.
بۇ مەبلەغ بىلەن قاتناش ۋە سەھىيە ساھەسىنىڭ ئېلېكترونلۇق مېڭە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىنىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئېلېكترونلۇق مېڭە ساھەسى ئۈچۈن يىلىغا جەمئىي 4 مىليارد دوللار ئەتراپىدا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بولسا، يىلىغا 20 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرتىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.