تۈركىيە تەرەققىيات ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشتە رېكورت ياراتماقتا
تۈركىيە بۇلتۇر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەرەققىيات ئىشلىرىغا 8 مىليارد دوللارلىق ياردەم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە بۇلتۇر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەرەققىيات ئىشلىرىغا 8.14 مىليارد دوللار ياردەم قىلغان.
2016 – يىلى 6.48 مىليارد دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن بۇ رەقەم بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 25 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە دۇنيا بويىچە 6 – رەتكە تىزىلغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا قىلغان ياردەملىرىدە كىرېدىتلەر، تۈركىيەنىڭ ياردەملىرىدە بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ بۇلتۇرقى 8.14 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى رەسمىي تەرەققىيات ياردەملىرىنىڭ 7.2 مىليارد دوللارلىق قىسمىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر، قالغان قىسمىنى بولسا باشقا كاتېگورىيەدىكى تەرەققىيات ياردەملىرى تەشكىل قىلىدىكەن.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە ئالاقىدار دوكلات، DEV-INIT ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېلان قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەردە ئىككىنچى رەتكە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەنىڭ مىللىي كىرىمغا سېلىشتۇرۇش نىسبىتىدە بولسا بىرىنچى رەتكە تىزىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.