ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى پارىژدا

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

949102
ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى پارىژدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيبەكچى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان 5 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – فىرانسىيە ئىقتىساد - سودا كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ھەمدە ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، فىرانسىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى برۇنو لې مائرې، فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى جېئان باپتىستې لېموينې بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن زەيبەكچى،  ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن يىغىنلارنىڭ تۈركىيە كارخانىچىلىرى بىلەن فىرانسىيە سودا – سانائەتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى ئەللەردىكى، تۈركىيەدىكى ۋە فىرانسىيەدىكى ئورتاق پائالىيەتلىرىنى قوللاش ھەمدە قولايلىق يارىتىپ  بېرىش، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئورتاك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 2017 – يىلى ئېتىبارى بىلەن 14.7 مىليارد دوللار بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 2019 – يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا 20 مىليارد ياۋروغا يەتكۈزۈش نىشانىنى بەلگىلىدۇق. بۇ ھەقتە ئايرىم – ئايرىم خىزمەت ئىشلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر