ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى: تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇشىمىز كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى ناتاشا بېرتاۋد ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ «كۆچمەنلەر كېلىشىمى» دائىرىسىدە تۈركىيەگە بېرىلىدىغان 3 مىليارد ياۋرولۇق مالىيە ياردىمىنىڭ 2 مىليارد ياۋرولۇق قىسمىنى خامچوتتىن بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

945753
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى: تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بېرتاۋد بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە بېرىلگەن 1 مىليارد ياۋرولۇق ياردەمنىڭ دەسلەپكى قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىدىن ئاجرىتىلدى، 2 مىليارد ياۋرولۇق قىسمى بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خامچوتلىرىدىن ئاجرىتىلىدۇ، بۇ خىزمەتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. جۈملىدىن، بۇ ھەقتە تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇشىمىز كېرەك.»

بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىلىدىغان ياردەمنى رەت قىلغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن بېرتاۋد، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خامچوتى چەكسىز ئەمەس» دېدى.

14 – مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى 2016 – يىلى ئىمزالانغان «كۆچمەنلەر كېلىشىمى» گە ئاساسەن تۈركىيەگە ۋەرگەن ۋەدىسى بويىچە 3 مىليارد ياۋرولۇق ياردەمنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى بېرىشكە ئالاقىدار قارارنامىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر