تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

941121
تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

مۇشۇ ھەپتە بېشىدا تۈركىيە كۈنتەرتىپىنىڭ مەركىزىنى ئىگىلىگەن مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى، بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە چاقىرىلغان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ يىغىننىڭ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەھنىگە چىقىدىغانلىقى ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ساھەسى بولغان ئىقتىسادقا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىدى.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان ۋارنا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى مۇساپىرلار، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قىبرىس ۋە تاموژنا ئىتتىپاقى دېگەندەك مەسىلىلەر تەشكىل قىلدى. ئالدى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قارىلىدىغان بولسا، مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە باشتىن تارتىپلا ئىنسانىي پوزىتسىيەدە بولۇپ، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان بىر دۆلەت بولدى. بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە،  ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان 6 مىليارد ياۋرونىڭ 3 مىليارد ياۋرولۇق دەسلەپكى قىسمىنىڭمۇ ھازىرغىچە بېرىلمىگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق مەنىدە ئادا قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. تۈركىيە ۋارنا باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆز ۋاقتىدا ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىگە كېلىدىغان بولساق، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم باسقۇچلار بېسىپ ئۆتۈلىدىغان ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئىمكانىيەتلىرىگە كۈچ بېغىشلايدىغان تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە. مەلۇمكى، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ساھەلىرىدىن بىرىنى سودا ساھەسى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتىكى سودا ھەجىمىنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاموژنا ئىتتىپاقى خىزمەتلىرى توختاپ قالغان يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋە بۇ خىزمەتلەر ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈلۈشى لازىم. بۇ ئەھۋال، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالايدىغان ئەركىن سودا كېلىشىملىرى تۈپەيلى تۈركىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مۇھىم ھالغا كەلدى.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىكى يەنە بىر شېرىكچىلىك ساھەسىنى ئېنېرگىيە تەشكىل قىلىدۇ. رىم دائىرىلىرى بىلەن گىرېتسىيە، ئۆتكەن فېۋرال ئېيىدا قىبرىس دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈركىيە ۋە رىم تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سوغۇقچىلىقنى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىل كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ، باشقا يۆنىلىشلەرگە تارتىشقا تىرىشقانىدى. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ ئارال تەۋەلىكىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكى ۋە رىم دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. تۈركىيە، رايوندا چىقىرىلىدىغان قىبرىس ئارىلى ئەتراپىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر قاراردا ئاچقۇچلۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى بۆلۈشۈشتە ھەققىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ھوقۇقى بار.

بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقى ۋارنا باشلىقلار يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، گېئوپولىتىكىلىق جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ ئەڭ بەلگىلىگۈچى ئاكتىيورى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

ئەسلىدە بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، شەرقىي ئاقدېڭىزدا قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، مەيلى رىم تەرەپ مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ بولسۇن، يەلكىسىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئادىل تەقسىم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىدۇر.

ئاخىرىدا، يىغىندا ھەممىدىن بەك دىققەتنى تارتقان نۇقتىنىڭ ۋىزىنى بىكار قىلىش ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بولغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. يىغىندا، ۋىزىنى بىكار قىلىش جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى نۇقتىسىدىن مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خۇلاسىلىگەندە، ۋارنا باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىيۇن ئېيىغىچە  يېڭى بىر باشلىقلار يىغىنى ئېچىش ئېھتىمالى تىلغا ئېلىندى ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئۆزئارا ئالاقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ سىگناللىرى بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر