يىلدىرىم: تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئېىشىش نىسبىتى بىزنى ھەيران قالدۇرمىدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن بۈگۈن ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ 2017 - يىللىق ئىقتىسادىي ئېىشىشىغا سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدا توختالدى.

940311
يىلدىرىم: تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئېىشىش نىسبىتى بىزنى ھەيران قالدۇرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش توغرىسىدا توختىلىپ، %7.4 لىك ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزگە نىسبەتەن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش ئەمەس. مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىر قانچە ئاي بۇرۇندىنلا كۆرۈپ يەتكەنىدۇق. 2018 – يىلى ئۈچۈنمۇ سىجىل، مۇقىم ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئېشىش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر