تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىدىن ئافرىنغا ياردەم

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلاردىن تازىلانغان مەتبەلى رايونى ۋە بەزى يېزا – قىشلاقلارنىڭ ئاھالىسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەردى.

936177
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىدىن ئافرىنغا ياردەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەترەتلىرى تېررورچىلاردىن تازىلانغان رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، مەتبەلى رايونى، مىرھان ۋە مامالئۇشاغى يېزىلىرىغا يېتىپ بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن كۆرۈشتى.

كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان ئەترەتلەر، 3 مىڭ كىشىلىك يېمەك - ئىچمەك يېشىكى، 3 مىڭ كىشىلىك  بىر يۈرۈش تازىلىق  بۇيۇملىرى ۋە كۆپ ساندا بالا زاكىسى تارقاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر