ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە تىجارەت سىرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايغا مىلياردلارچە دوللارلىق قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ.

935420
ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، دونالد ترامپ «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زوراۋانلىقى» سەۋەبىدىن بېيجىڭغا قارىتا «جازا يۈرگۈزۈش» خاراكتېرلىك «سودا تەدبىرلىرى» نى ۋاشىنگتون ۋاقتى سائەت 12.30 دا (ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 19.30) دا ئېلان قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە تىجارەتكە ئالاقىدار سىرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ پىكرىي مۈلكىيەت ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ، ئامېرىكا سود ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن 2017 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىقىرىلىدىغان قارارلار دائىرىسىدە، مەنبەسى خىتايغا ئائىت بولغان يۈزلەرچە مەھسۇلاتتىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سېلىنمىلىرىغا بەزى جەھەتلەردىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە كۆچمەن خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ساھەلىرىنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكىلىق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دائىرىلەرنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن كەشلەرگىچە نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە باج سايىسىدا تاموژنىدىن كەم دېگەندە 50 مىليارد دوللار كىرىمنى قولغا كىرگۈزىدىكەن.

خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قوشۇمچە باج قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان تالاش – تارتىشلار تېخىچە بېسىقماي تۇرۇپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېلىنمىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلىشى، «سودا ئۇرۇشلىرى» ئەندىشىلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 9 – مارت كۈنى ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنىلاردا نۆۋەت بىلەن % 25 ۋە % 10 قوشۇمچە باج ئېلىش پىلانىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر