ئامېرىكا قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال - ياراغ سېتىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 467 مىليون دوللارلىق قورال - ياراغ سېتىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

926270
ئامېرىكا قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال - ياراغ سېتىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، قارارنامە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، قاتار ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى مەركىزىگە 197 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىپ بېرىلىدىكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 270 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 300 دانە « AIM-9X-2 Sidewinder Block II » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، 40 دانە « AIM-9X-2 Sidewinder Captive » ناملىق ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر، 30 دانە « AIM-9X-2 Block II » ناملىق تاكتىكىلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر