«ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە باج قويۇش پىلانى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كېرەك»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جېجىلىيا مالمسترۆم ئامېرىكىنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قوشۇمچە باج قويۇش پىلانىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

926025
«ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە باج قويۇش پىلانى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالمسترۆم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن نۆۋەت بىلەن % 25 ۋە % 10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش پىلانىغا ئالاقىدار قارارى توغرۇلۇق ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ پىلانغا داخىل قىلىنماسلىقى كېرەك.»

ترامپ تەرىپىدىن قوشۇمچە تاموژنا باجلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتھايزېر بىلەن بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مالمسترۆم، ئەھۋالنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا سودا ۋە ھەربىي ساھەلەردە ئادىل مۇئامىلە قىلغان «ھەقىقىي دوستلار» غا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كانادا بىلەن مېكسىكىنىڭ قوشۇمچە باج پىلانىغا داخىل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن قومشۇنچە باج ئېلىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىغانلىقىغا ئالاقىدار پىلانىنى ئوتتۇرىغان قويۇشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ رايونغا قىلىدىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر