رۇسىيە ئۇكرائىنانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى
رۇس ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۇكرائىنانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازپروم ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكسادىر مېدۋېدېۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گاز شىركىتى نافتوگاز بىلەن تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى، شۇڭا، مارت ئېيى ئۈچۈن تۆلەنگەن تەبىئىي گاز بەدىلىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن 1 – مارتتىن باشلاپ نافتوگازنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش توختىتىلىدۇ.»
مەركىزى سىتوكھولمدىكى خەلقئارا كېسىم سوتى ئالدىنقى كۈنى، گازپروم بىلەن نافتوگاز ئوتتۇرىسىدىكى داۋانى نافتوگازغا پايدىلىق شەكىلدە ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
گازپروم ئۇكرائىنانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى دەپ ھۆكۈم چىقارغان سوت، گازپرومنىڭ نافتوگازغا 2.56 مىليارد دولللار تۆلىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغان ئىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو رۇس ئېنېرگىيە شىركىتى گازپرومنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى نافتوگازغا بولغان قەرزىنى تۆلىمىگەن تەقدىردە، مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇكرائىنادا بۇلتۇر چەكلىمە قويۇلغان Sberbank ، VTB ، BM Bank ، Prominvestbank ۋە VS Bank قاتارلىق رۇس بانكىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.