ياپونلار بەس - بەستە تۈركىيەنىڭ پەمىدور سۈيىنى سېتىۋالماقتا
تۈركىيە پەمىدور سۈيى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ياپونىيە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
914429
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەمىدور ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تۈركىيەنىڭ بۇلتۇر پەمىدور سۈيى ئېكسپورتى 2016-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %72 ئېشىپ 3238 توننىغا يەتكەن.
ياپونىيە 2017-يىلى ئىمپورت قىلىنغان ھەر 10 لېتىر پەمىدور سۈيىنىڭ 7 لېتىرىنى سېتىۋالغان. تۈركىيە 55 دۆلەتكە پەمىدور سۈيى ئېكسپورت قىلغان.
تۈركىيەدىن خوڭكوڭ 470 توننا، قاتار 63 توننا، ئەنگلىيە 57 توننا پەمىدور سۈيى سېتىۋالغان.