فاتىھ قاراخان: تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى فاتىھ قاراخان تۈرك لىراسى (TL) نىڭ ھەقىقىي قىممەتكە ئېرىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2143878
فاتىھ قاراخان: تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسى باشلىقى قاراخان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئەرەب بانكىچىلىقى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيەنىڭ كەسكىن پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قاراخان، مەركىزى بانكىنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ پۇل پاخاللىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي ساھەدە تاشلانغان قەدەملەرگە ئەگىشىپ، تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممەت يارىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان قاراخان: «(تۈركىيە) بانكىچىلىق ساھەسى قەتئىي ئىرادە بىلەن چىڭ تۇرماقتا، بىز تۈرك لىراسى ئامانەت پۇلىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر