خەلقئارا مالىيە ئىنستىتۇتى: تۈركىيە ئىقتىسادى ئۆرلەيدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەيدۇ
تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2024-يىلى %2.7 ئۆسىدىغانلىقى، دۇنيا ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ بولسا %2.9 تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
2189501
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مالىيە ئىنستىتۇتى (IIF) دۇنيا ۋەزىيىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي كەسكىنلىكنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.
نويابىردىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بۇ يىل (2024)نىڭ دۇنياۋى مىقياستىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەقەسى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، ئامېرىكادىكى سايلامنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودا سىياسەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
يەر شارى مىقياسىدا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاستىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايغا ئوخشاش مۇھىم ئىقتىسادىي پاراۋۇزلارنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبىدىن 2023-يىلىدىكى %3.1 تىن 2024-يىلى ۋە 2025-يىلى %2.9 كە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
دوكلاتتا، ياۋرو رايونى ئىقتىسادىي كۆرۈنۈشىنىڭمۇ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئۆتكەن يىلغا ئوخشاش %0.5 ئەتراپىدا تۆۋەن بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، 2025-يىلىغا ئائىت ئىقتىسادىي كۆرۈنۈشنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇقىملىق ۋە تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.