ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (FED) ئارىدىن تۆت يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.

2189106
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي بانكىسى (FED) ئارىدىن تۆت يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر بىلەن خەۋپ تەڭپۇڭلۇقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، فېدېرال فوند نىسبىتىنىڭ نىشان دائىرىسىنى 50 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىپ %4.75-5.00 ئارىلىقىغا چۈشۈرۈشكە قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئەگەر پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى داۋاملاشسا، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2020-يىلى مارتتا كوۋىد-19 نىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن ئۆسۈم نىسبىتىنى %0-0.25 ئارىلىقىغا چۈشۈرۈپ، پۇل مىقدارىنى كېڭەيتكەنىدى.

2021-يىلى ئامېرىكادا پۇل پاخاللىقى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن،  ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى؛ نەتىجىدە ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم نىسبىتى %5.25-5.50 ئارىلىقىغا، يەنى 23 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.

ئۆسۈم نىسبىتىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى ئىيۇلدا 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرگەن ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا 8 قېتىملىق يىغىندا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر