ترابزون ئېكسپورتچىلىرى سودا-سانائەتچىلەرگە ئۈلگە بولماقتا

2017-يىلى ترابزوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سەككىز دۆلەتكە سېتىلغان خېمىر يۇغۇرۇش، خىش ۋە بېتون قۇيۇش ماشىنىلىرىدىن 1 مىليون 270 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى.

907412
ترابزون ئېكسپورتچىلىرى سودا-سانائەتچىلەرگە ئۈلگە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ترابزوندا ئۆتكەن يىلى 110 دۆلەتكە 1 مىليارد 195 مىليون 648 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىنغان. خىش ۋە بېتون قۇيۇش ماشىنىلىرى ئۇممان، گىنە، كامېرون، ئىسىرائىلىيە ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىلىرى بولسا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە سېربىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان.

شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەھمەت ھەمدى گۈردوغان ترابزونلۇق ئېكسپورتچىلارنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىگىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئۈلگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر