تۈركىيەنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيەنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

876842
تۈركىيەنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيەنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا نامراتلىقىنى ئازايتىش بويىچە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ دائىرىدە، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ تەسىرىدە ھەم نامراتلىق نىسبىتى ھەم نامراتلار سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. 2000 – يىللارنىڭ بېشىدا %25 ئەتراپىدا بولغان نامراتلىق نىسبىتى 2016 – يىلىغا كەلگەندە %21.2 گە تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، «كۈندىلىك سەرپىياتى 1 دوللاردىن تۆۋەن كىشىلەر نىسبىتى» كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆلگە چۈشۈشىمۇ شەرتسىز نامراتلىقنىڭ بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە يوقلۇقىنى كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن 2017 – يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان سىجىل تەرەققىيات نىشانى پىلانىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۇنيا بويىچە نامراتلىق نىسبىتىنى ئەڭ تېز تۆۋەنلەتكەن دۆلەت بولدى. نامراتلىقنى ئازايتىش نىسبىتى بىلەن بىرلىكتە بايان قىلىنغان يەنە بىر كۆرسەتكۈچ بولسا، كىشىلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدۇر. تۈركىيەنىڭ 1990 – يىللاردىن بۇيان كىشىلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئىزچىل ئۆرلەپ كەلدى. تۈركىيە، 2015 – يىلى 0.767 كىشىلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچ نومۇرى بىلەن يۇقىرى كىشىلىك تەرەققىيات كاتېگورىيەسىدىكى 188 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە 71 – رەتتىن ئورۇن ئالدى. ب د ت تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2002 – يىلى دۆلىتىمىز «ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىشىلىك تەرەققىيات» سەۋىيەسىدە بولۇپ، 2009 – يىلىدىن تارتىپ «يۇقىرى كىشىلىك تەرەققىيات» سەۋىيەسىگە يەتكەن ۋە دۇنيا بويىچە كىشىلىك تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئەڭ تېز تولدۇرغان 9- دۆلەت بولغان. 2002 – يىلىدىن بېرى بىۋاسىتە نامراتلارنى نىشان قىلغان ھالدا، دۆلىتىمىزدىن نامراتلىقنىڭ ئىزنالىرىنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ تاشلايدىغان ياردەم پىلانلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن يېڭى بىر ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلدى. تۈركىيە، ئىجرا قىلىنغان بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر سايىسىدا «ناھايىتى يۇقىرى كىشىلىك تەرەققىيات» كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئېلىشنى نىشان قىلماقتا.

تۈركىيەدە بولۇپمۇ 2002 – يىلىدىن بۇيان كىرىم تەقسىماتىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمەكتە. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا كىرىم تەڭسىزلىكى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، 2012 – يىللىق ئاساسىي ئامىللار دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ 2001 – يىللىرىدىكى كىرىم تەقسىماتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشىلىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى قەيت قىلىندى.

كىرىم تەقسىماتىنىڭ تۈپ ئۆلچەملىرىنىڭ بولغان كىرىم تەقسىماتى كۆرسەتكۈچى 2002 – يىلىدىكى 0.44 دىن 2016 – يىلى 0.40 غا تۆۋەنلىدى. 2016 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كىرىم تەقسىماتى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، خەلقنىڭ ئەڭ نامزات %20 ىنىڭ كىرىمدىن ئالىدىغان پېيىدا تۆۋەنلەش بولمىغانلىقىدۇر. بۇ ئەھۋال، يولغا قويۇلغان ئەمگەك – ئىش پۇرسىتى يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، باج سىياسەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەردە يېقىنقى 10 يىلدا نامراتلارغا پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

نامراتلىقنى ئازايتىش دائىرىسىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۆزگىرىشلەر ۋە كىشىلىك تەرەققىياتتىكى ياخشىلىنىش، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن باشقا ئىجتىمائىي، مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەر بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغ ۋە ئىدارە – ئورگانلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىمدۇر.

نامراتلىقنى ئازايتىش دائىرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىجتىمائىي ياردەملەر ساھەسىدىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى. 2011 – يىلى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى قۇرۇلدى ۋە ئىجتىمائىي ياردەملەر ۋە ھەمكارلىق باش ئىدارىسى مىنىستىرلىق قارمىقىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىجتىمائىي ياردەملەر بىرلەشمە ئىجتىمائىي ياردەملەر دائىرىسىدە بىر بايراق ئاستىغا توپلاندى، ياردەملەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ئىجتىمائىي ياردەملەردىن پايدىلانغۇچىلارغا دائىر توغرا ئۇچۇر ساندۇقى شەكىللەندۈرۈلدى.

تۈركىيەدە نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە نامراتلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نامراتلار سانىنىڭ ئازايتىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە پەرقلىق شەكىلگە ئىگە بولدى. خۇسۇسەن، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە باياشاتلىقى بارلىق ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي قاتلاملار ئارىسىدا ئادىل تەقسىماتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن، يورۇق كۆرگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر گويا مىللىي ئىشقا – ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئوخشاشلا بىر نامراتلىققا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەقەززا قىلماقتا. بۇ دائىرىدە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى نامراتلىققا قارشى كۈرەش ساھەسىدە مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييارلانماقتا. مەزكۇر ئىستراتېگىيە ئاساسلىقى «ئەڭ تۆۋەن ئىستېمالنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى»، «پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش» ... دېگەندەك تېمىلار بويىچە ئىجتىمائىي ياردەم ساھەسىگە كۆپ تەرەپلىمە چىراغ تۇتىدىغاندەك قىلىدۇ.

«نامراتلىققا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسى» تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي سىياسەتلەر ساھەسىدىكى يېڭى بىر يول خەرىتىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇ يول خەرىتىسى، 2002 – يىلىدىن بۇيان ئىجتىمائىي سىياسەتلەر ساھەسىدە تاشلانغان قەدەملەرنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھېچبىر شەخسنىڭ ئاساسىي ھەق ۋە ئېھتىياجلىرىدىن مەھرۇم قىلىنماسلىقى ۋە پۈتكۈل خىزمەتلەردىن تەڭ – باراۋەر بەھرىمەن قىلىنىشى كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر