«تىنچلىق ئالمىسى» 6 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

ئالماستىن قولغا كەلگەن كىرىمنىڭ يېرىمى ئالماس تېپىلغان كورياردۇ يېزىسىنىڭ تەرەققىيات لايىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

861361
«تىنچلىق ئالمىسى» 6 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىفا دۆلىتى سېررالېئونغا تەۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەييار ئالماسلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان 709 كرات ئېغىرلىقتىكى «تىنچلىق ئالمىسى» 6 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.

نىيۇيوركتا سېررالېئون ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلىتىدىكى نامراتلارغا ياردەم قىلىش ۋە تەرەققىيات لايىھەلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تالاشتۇرۇپ سېتىش پائىلىيىتىدە مەزكۇر ئالماسنى ئەنگلىيەنىڭ ئاتاقلىق زىبۇ - زىننەت ماركىسى «Graff Diamonds» شىركىتىنىڭ باشلىقى لۇرېنس گىراف سېتىۋالدى.

ئالماستىن قولغا كەلگەن كىرىمنىڭ يېرىمى سېررالېئوننىڭ شەرقىدىكى ئالماس تېپىلغان كورياردۇ يېزىسىنى پاكىز سۇ، ئېلېكتىر ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش لايىھەلىرىگە ئىشلىتىلدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر