ئامېرىكا كۇباغا قاراتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇباغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

844322
ئامېرىكا كۇباغا قاراتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدىغان ئېمبارگو قارارنامىسى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كۇباغا قىلىدىغان ساياھەتلىرىدە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ساياھەت شىرتكەتلىرى، مېھمانسارايلار ۋە باشقا  سودا ھەم ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ سابىق پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ كۇبا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاتۇرۇش سىياسىتىنى پەقەت كۇبا ھۆكۈمىتىگىلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىكار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر