گازپرومنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى
رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى – گازپرومنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار – ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %17 ئېشىپ، 384 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى – گازپروم بايانات ئېلان قىلىپ، يانۋار – ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىسىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىر گەۋدىسىدىن باشقا ئەللەرگە قىلىنغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ %9.2 ئېشىپ، 157 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ مەزگىلدە تۈركىيەگە قىلىنغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ %22.5 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئوخشاش مەزگىلدە ۋېنگىرىيەگە قىلىنغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ %25.9، سېربىيەگە قىلىنغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ %27.6 ئاشقانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.
باياناتتا، شىركەتنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار – ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئارىسىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %17 ئېشىپ، 384 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.