تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى (2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

820152
تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى نىشانلىرىنى مەزمۇن قىلغان 2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان جەريانغا ئالاقىدار ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى ئېلان قىلىندى. پىلان دائىرىسىدە سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە كىرىمنى ئادىل تەڭشەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 5 ئاساسىي سىياسەت بەلگىلەپ چېقىلدى ؛ بۇلار ماكرو ئىقتىسادىي مۇقىملىق، ئىنسان كۈچى سەرمايىسى ۋە ئەمگەك كۈچى سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، خىزمەت ۋە سېلىنما مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلىي سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇ كاتېگورىيەلەرنىڭ ئاستىدا، باھا مۇقىملىقىغا تايانغان پۇل سىياسىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى دېگەندەك نىشانلار ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

پىلان دائىرىسىدە 2017 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنى %5.5 گۈللەندۈرۈش نىشان قىلىندى. مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى چارىكىدىكى تەرتىپى بويىچە %5.2 ۋە %5.1 لىك ئېشىشقا قارىغاندا، يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىغا يېتىشنىڭ قىيىنغا توختىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئۇتۇقلۇق ئېشىشى، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ مۇۋازىنەتلىك شۇنداقلا سىجىل ئېشىش نىشانىغا يېتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۈمىدنى ئۇلغايتماقتا.

پىلاندا، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېكسپورتنىڭ 2017 – يىلى 156.5 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان بولسا، 2020 – يىلى بۇ ساننىڭ 195 مىليارد دوللارغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 2018 – 2020 – يىللار ئارىسىدا ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تايانچلىرىنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشقا بولغان تۆھپىسىنىڭ بارغانچە كۈچىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا؛ قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي ئېشىش تېخىمۇ تۇراقلىق ۋە سىجىل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدا، ئېشىشنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچىنى ئېكسپورتتىن ئالغان ئىقتىسادنىڭ خەلقئارا رىقابەتتە مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.

ئەلۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۇقىملىق ۋە سىجىللىق قانچىلىق مۇھىم بولسا، سىغدۇرۇشچانلىقمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرى تەرىپىدىن ھېس قىلىنىشىنىڭ يولى سىغدۇرۇشچانلىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئىجتىمائىي ياردەملەر، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى، رىغبەتلەندۈرۈش دېگەندەك تۈرلەر بويىچە مۇھىم قەدەملەر تاشلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەسسە قوشىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق، 2017 – يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %10.8 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. 2019 – يىلىدىن تارتىپ بۇ نىسبەتنىڭ بىر خانىگە تۆۋەنلىشى، 2020 – يىلى %9.6 گە چۈشۈرۈلۈشى كۈتۈلمەكتە. خېلى كۆپ ساندىكى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر شۇنداقلا تۈركىيە ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ ساقلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئىشسىزلىقنى ئازايتىشنىڭ يولى بولسا، سىجىللىققا ئىگە ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسەتلىرىنى تايانچ قىلىدۇ.

تۈركىيەدە بۇ جەھەتتە تاشلانغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى بولۇپ، ئۆتكەن ئايلاردا ئېلان قىلىنغان 2017 – 2019 – يىللىق دۆلەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگىمۇ بۇ دائىرىدە تەييارلانغان مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىساق بولىدۇ. مائارىپ – ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى، پۇرسەت ئۈستۈنلۈكى بولمىغان قاتلاملار، ئاياللارنىڭ ئەمگەك كۈچى سېپىگە قاتنىشىشى دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن مەزكۇر ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلگەن نىشانلارغا يېتىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پىلاندا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان يەنە بىر ماكروئىقتىسادى كۆرسەتكۈچ بولسا، پۇل پاخاللىقىدۇر. 2017 – يىللىق پۇل پاخاللىقى نىشانى %9.5، دەپ بېكىتىلگەن مەزكۇر پىلاننىڭ ئاخىرىدا، بۇ نىشاننىڭ %5 لەرگىچە تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ مۇساپىدە پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇشتا بىر تەرەپتىن ئىچكى بازارلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقى ئامىللارنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى كۈتۈلمەكتە.

پىلاننىڭ ئاخىرىدىكى دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، 2020 – يىلىغا بارغاندا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمدىكى ئېشىشتۇر. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، 2020 – يىلىغىچە تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 13 مىڭ دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئېشىش تۈركىيەنىڭ يۇقىرى كىرىمغا ئىگە ئىقتىسادىي كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، 2020 – يىلى، تۈركىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەم مۇقىم ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەم پۇل پاخاللىقى تىزگىنلىنىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نىشانىغا يېتىلگەن، ھەم تۈركىيە كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن بىر يىل بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر