قازاقىستان خىتايغا يىللىق 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشقا تەييارلانماقتا

قازاقىستاننىڭ خىتايغا يىللىق 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

819166
قازاقىستان خىتايغا يىللىق 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتى – قازترانسگاز يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئېكسپورتنى 15 – ئۆكتەبىردە باشلاشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي نېفىت شىركىتى – پېتروچاينا بىلەن قازاقىستان تەبىئىي گاز شىركىتى قازترانسگازنىڭ ئېكسپورت كېلىشىمى تۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ تارىخىي كېلىشىم سايىسىدا ئېكسپورت كىرىمىنىڭ 1 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇشى كۈتۈلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇدۇقلار بىلەن قازترانسگاز شىركىتىنىڭ يەر ئاستى تەبىئىي گاز زاپىسىدىن ئېلىنىدىغان تەبىئىي گازنىڭ خىتايغا خورگوس چېگراسى ئارقىلىق تاپشۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، شىركەتنىڭ قازاقىستاننىڭ يېڭى ياۋرو – ئاسىيا ئارقا سەپ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا مۇۋاپىق ھالدا ھەرىكەت قىلغانلىقى، خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تۆھپە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر