دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئالماسى سېتىلدى

ئەنگلىيەدىكى جاۋاھىرات شىركىتى – فراف دىياموندس، تىك تاك توپ چوڭلۇقىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئالماسىنى سېتىۋالدى.

814347
دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئالماسى سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى جاۋاھىرات شىركىتى – فراف دىياموندس، تىك تاك توپ چوڭلۇقىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئالماسى ھېسابلىنىدىغان «Lesedi La Rona» ناملىق 1109 كاراتلىق ئالماسنى 53 مىليون دوللارغا سېتىۋالدى.

مەزكۇر ئالماس ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشقا قويۇلغان بولسىمۇ، ئېچىلىش باھاسى، دەپ بېكىتىلگەن 70 مىليون دوللارنى بېرىدىغان ئادەم چىقمىغان.

ئالماس، 2015 – يىلى نويابىردا كانادالىق لۇكارا دىياموند شىركىتىنىڭ بوتسۋانادىكى كېنىدىن تېپىلغانىدى. ئالماسقا بوتسۋانانىڭ يەرلىك تىلى تسۋانادا «نۇرىمىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «Lasedi La Rona» دېگەن نام بېرىلگەنىدى.

تەخمىنەن 3 مىليارد يىل مۇقەددەمكى چاغدىن قالغان 1109 كاراتلىق ئالماس، ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئالماس، دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر