تاموژنا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تاموژنا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

806271
تاموژنا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تاموژنا ئىتتىپاقى، يېقىندىن بۇيان كۈنتەرتىپنى ئۇبدانلا مەشغۇل قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 1985 – يىلىدىن بۇيان رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان تاموژنا ئىتتىپاقى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، تۈركىيەنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىچە بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. نۆۋەتتە، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ %48.5 نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرگە قىلىنىشى، مۇناسىۋەتلەردىكى ئىجابىي يۆنىلىشنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىگە قارالغىنىدا، ئىتتىپاققا ئەزا ئەللەرنىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورت مىقدارىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2016 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەردىن تۈركىيەگە 77 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىندى. يەنە كېلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ 2016 – يىلى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سودا ھەجىمىنىڭ 145 مىليارد دوللارغا يېتىشىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىۋېيتسارىيەدىن قالسىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا بەشىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىغان تۈركىيەنىڭ، ئىتتىپاققا ئەزا ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

22 يىلدىن بۇيان تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نېگىزىدە، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئېڭى ياتماقتا. بىراق، تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىشقا قۇربىنىڭ يەتمەسلىكى، ئۇنى يېڭىلاش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىش ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

تۈركىيە بۇ جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ساقلىنىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە بىر تەرەپ قىلىش ۋە تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش يولىدا ھەر تۈرلۈك ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاشقا، شۇنداقلا بۇ ئىستىكىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشماقتا. بۇ دائىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 2015 – يىلى ماي ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان تاموژنا ئىتتىپاقىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش كېلىشىمى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزكۇر تەرتىپكە سېلىشنىڭ نىشانى، پۈتۈنلەي ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

نۆۋەتتىكى تاموژنا ئىتتىپاقىدا تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا شەرتىنىڭ قويۇلۇۋاتقانلىقى ۋە يۆتكەش چەكلىمىسىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتىمىز. كىرگۈزۈلىدىغان تۈزىتىشلەرنىڭ گەۋدىلىك نىشانلىرىنىڭ بىرى، بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. تېخىمۇ ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كەلسە، تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچەيتىلىشىدىكى تۈپ نىشان، تۈركىيەنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىدىنمۇ كەڭ ساھەگە ئىگە بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بازىرىغا كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. 1995 – يىلى تاموژنا ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودىغا پەقەت سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈلگەنىدى. بىراق، تاموژنا ئىتتىپاقىغا كىرگۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى يېڭىلىقلار ئارقىلىق ئادەم ۋە خىزمەتلەرنىڭمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كۆزلەنمەكتە.

خىزمەت - مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئەركىنلەشتۈرۈلۈشى بىلەن، تۈركىيە خىزمەت ساھەسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابىتىگە ئېچىۋېتىش پىلانلانماقتا. بۇنىڭ، ئىقتىسادىنىڭ %70 ىنى خىزمەت ساھەسى شەكىللەندۈرىدىغان تۈركىيەگە نىسبەتەن ھالقىلىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەركىن ساياھەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شەنگەن (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) ۋىزىسى ئېلىش شەرتى بىكار قىلىنغان بولىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ تەرەپلەرنىڭ ساياھەت كىرىملىرىگە ئىجابىي ھەسسە قوشۇشى كۈتۈلمەكتە.

تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئېلان قىلغان سىياسىي باياناتلار دىققەتنى تارتماقتا. بىراق، بۇ باياناتلارنىڭ ھەم خەلقئارا سودا ھەم دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئىجابىي خۇسۇسىيىتى يوقلۇقى ناھايىتى ئېنىق.

ئەنگلىيەنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشكە تىرىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، سودا شېرىكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە مەۋجۇت مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە تېخىمۇ سەزگۈر ۋە ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى، سىياسىي مەنىدە روشەنلىككە ئىگە بولمىسىمۇ، ئىقتىسادىي ساھەدىكى تەسىرىنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى مانا مەن، دەپ تۇرۇپتۇ. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ كېلەچىكى ھەم تۈركىيە گۈللەندۈرمەكچى بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دەتالاشلىرىغا سىياسىي كۆزنەكتىنمۇ بەكرەك، ئىقتىسادىي كۆزنەكتىن قاراپ باھا بېرىش لازىم. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر