تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاراكاندا

بىرما ئارمىيەسى بىلەن بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي تىراگېدىيەسىگە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار سۈكۈت قىلمىدى.

799703
تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاراكاندا
cansuyu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاراكاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى، جان سۈيى جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رايوندىكى ئەترەتلىرى ئاراكان خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىمەكتە.

تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەيئىتى سىتۋې شەھىرىدىكى ھۇجۇملاردا زىيانغا ئۇچرىغان يېزا – قىشلاقلارنى زىيارەت قىلدى ھەمدە رايون خەلقىدىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.

جىددىي ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىققان ھەيئەت يەنە، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىلەنمۇ داۋاملىق خىزمەت ئىشلەپ، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزمەكتە، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ھەمىشە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرماقتا.

تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خەۋپ ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقىنى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى تامامەن سىم توسۇقلار بىلەن قورشاپ، تەخمىنەن 1 يېرىم مىليون مۇسۇلماننى پالاكەتكە دۇچار قىلغانلىقىنى جاكارلىماقتا، بىرما ئارمىيەسى بىلەن بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئاراكان خەلقىنىڭ باڭلادېش چېگراسىغا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە، باڭلادېشنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ئاراكان خەلقى باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما باڭلادېش ئەسكەرلىرىنىڭ كېمىلەر بىلەن قوشۇپ كۆمتۈرۈۋېتىشگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر