رۇسىيە گازىنى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەش نىسبىتىدە ئېشىش كۆرۈلدى

رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى – گازپروم، رۇسىيەدىن تۈركىيەگە يۆتكەلگەن گاز مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى؛

791843
رۇسىيە گازىنى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەش نىسبىتىدە ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى – گازپروم بايانات بېرىپ، 1- يانۋاردىن 15 – ئاۋغۇستقىچە بولغان جەرياندا، رۇسىيەدىن تۈركىيەگە يۆتكەلگەن گاز مىقدارىنىڭ %22.4 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببىسى ئارقىلىق گاز بىلەن تەمىنلىنىدىغان دۆلەتلەرگە يۆتكەلگەن گاز مىقدارىمۇ ئاشقان؛ بۇ دائىرىدە گىرېتسىيەگە %13.2؛ سېربىيەگە %40.8؛ بۇلغارىيەگە %11.1 ۋە ۋېنگىرىيەگە %24.4 كۆپ تەبىئىي گاز يوللانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئوخشاش مەزگىلدە رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت ھەجىمى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا، %12 ئېشىپ، 118 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر