ئىراندا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىران ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

789559
ئىراندا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا جاۋاب سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن 520 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئاجرىتىشقا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانۇن تەكلىپىگە ئاساسەن 260 مىليون دوللار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پىروگراممىسى ئۈچۈن، 260 مىليون دوللار ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل ئالاھىدە قۇددۇس كۈچى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىكەن.

ئىران پارلامېنت باياناتچىسى ئەلى لارىجانى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىلىقلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتە تاشلىغان تۇنجى قەدىمىمىز ھېسابلىنىدۇ. قانۇن تەكلىپى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تېررورىزم ۋە جېدەلخورلۇقنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تېھراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ ئىرانلىق 18 كىشى ۋە ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان، تېھران بولسا بۇ ئېمبارگولارنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىقلار ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر