تۈركىيە ئېكسپورتتا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتتا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

789211
تۈركىيە ئېكسپورتتا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 22 – نۆۋەتلىك خەلقئارا گىلەم مەدەنىيىتى ۋە سەنئەت فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇشاقتا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان زەيبەكچى، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان 20 دۆلەت ئىچىدە 3 – رەتكە تىزىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتتا ئۆتكەن ئاي تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەيبەكچى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئېكسپورتىمىز ئىيۇل ئېيىدا تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئايلىق نىسبەتتە % 28 ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ يىل تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ تىز تەرەققىي قىلغان ئۈچ چوڭ دۆلەتتىن بىرى بولىدۇ. نىشانىمىز تۈركىيەنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 دۆلەتتىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش بولۇپ، خۇدايىم بۇيرۇسا، ياۋروپا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ دۆلەتتىن بىرى تۈركىيە بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر