ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋېنېزۇئېلادا ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلىۋاتقان پارلامېنتنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك يەنە 8 نەپەر دۆلەت ئەربابىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

787315
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار ئارىسىدا ۋېنېزۇئېلانىڭ سابىق پىرېزىدېنتق ھۇگو چاۋېزنىڭ قېرىندىشى ئادان كوروموتو چاۋېزمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرى ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچى پارلامېنتنى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئانتىدېموكراتىك بىر باسقۇچ نەتىجىسىدە قۇرغانلىقى تەكىتلەندى ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرار ئولتۇرمايلا باش تەپتىش لۇئىسا ئورتېگا زىئازنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باش تەپتىش قۇرغۇچى پارلامېنت سايلاملىرىدا ھىيلە ئىشلىتىگەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى.

دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە بەزى دۆلەت ئورگانلىرىنى بىكار قىلىشنى نىشان قىلغان قۇرغۇچى پارلامېنتنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

ئادەن كوروموتو چاۋېز، فرانسىسكو جوزې ئامېلىئاچ، ئېرىكا دېل ۋاللې فارىئاس، كارمېن تېرېزې مېلېندېز، رامون دارو ۋىۋاس، ھېرمان ئادۋاردو ئېسكاررا، تانىئا دامېلىئو كاردىئېت ۋە بلادىمىر ھۇمبېرتو لۇگو.

بۇ شەخسلەردىن چاۋېز سابىق ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ھۇگو چاۋېزنىڭ قېرىندىشى بولغانلىقى ئۈچۈن دىققەت قوزغىدى. چاۋېز يېڭى قۇرۇلغان قۇرغۇچى پارلامېنتنىڭ پىرېزىدېنت ھەيئىتى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلادا ئاساسىي قانۇننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە 30 – ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇروغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئېمبارگو يۈزگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىگە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىك مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدىكەن ھەمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مەنئىي قىلىنىىدكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر