ترامپ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قارارنامىسىنى ماقۇلىدى.

782720
ترامپ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارارنامە ترامپنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق تاشلايدىغان قەدەملىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىغا باغلىق بولۇشىنى نىشان قىلىدۇ.

ترامپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئېمبارگولار ئارقىلىق كۈرەش قىلىش قانۇنى» غا ئالاقىدار قارارنامىسىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېھران ۋە پىيوڭياڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يامان نىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى جازالاندۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللايمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك باسقۇچىغا مۇداخىلە قىلىنىشىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ۋەيران قىلىش، مۇقىملىقنى بۇزۇش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزغا ياردەم بېرىش پىلانىنى قوللايمەن.»

شۇنداقتىمۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپ سانلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن قارارنامىگە قارىتا ئەندىشىلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «قارارنامىنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ نۇرغۇن ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغانلىقى، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتا كۆپلىگەن زىيانلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىگگ زيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشىلىرىمىزنى دۆلەت مەجلىسىگە يەتكۈزدۈم» دېدى.

بولۇپمۇ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن  قارارنامىنىڭ «جىددىي شەكىلدە نۇقسانلىق» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «بۇ قارارنامە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىغا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كېلىشىملەرنى تۈزۈشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، رۇسىيە، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنى بىر – بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسى ۋە پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن قارارنامىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى پائالىيەتلىرىنى قوللاۋاتقانلار ياكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا يېقىن كارخانىچىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئېمبارگولار ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ نېفىت، پۇل – مۇئامىلە، تېخنولوگىيە ۋە قورال - ياراغ شىركەتلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئىقتىسادىي مەنبەلىرى توڭلىتىپ قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى پائالىيەتلىرىگىمۇ چەكلىمە قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر