ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارى رۇسىيە ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرلەرنى يەتكۈزىدۇ

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

781414
ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارى رۇسىيە ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرلەرنى يەتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە سەۋەب بولغان ئېمبارگو قارارلىرى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىلەر، ئېمبارگولارنىڭ يېڭى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان رۇسىيە بازارلىرىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، بىراق بۇ ھوقۇقنى ئامېرىكا مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا باغلاپ قويغان قانۇن لايىھەسىنى ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللىدى.

ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئۈستىدە توختالغان رۇسىيە دۆلەتلىك ئىقتىسادىي ئىشلار باشقارمىسى پۇل-مۇئامىلە ئىشخانىسى باشلىقى ۋە رۇسىيە دۆلەتلىك مەركەز بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى پىروفېسسور دوكتور كونستانتىن كورىشچېنكو ئېمبارگولار سەۋەبلىك رۇسىيەگە چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاز كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە ئىقتىسادىي زورىيىش نىشغانىغا يېتىش ئۈچۈن لازىملىق بولغان مەنبەلەرنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان كورىشچېنكو مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمەن،دەپ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.»

يېڭى ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل-مۇئامىلە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى ئولېگ شىبانوۋ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ بۇرۇنقى ئېمبارگولارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن شىبانوۋ مۇنداق دېدى: «ئېمبارگولار نەتىجىسىدە بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان رۇسىيە ئىقتىسادىي مىكرو جەھەتتىن ئاستىلىشى مۇمكىن.»

رۇسىيە ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىنىستېتۇتى ئىدارىسى باشلىقى ماركېل سالىكخوۋ ئېمبارگولار سەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىكسپورتىدا ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇببا لىنىيەلىرىدە خەتەر پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئېقىم 2 ۋە تۈرك ئېقىم لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى لىنىيەسىدە چاتاق چىقىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر