ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى ئاشماقتا

تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەسىرىدە تۈركچە ئۆگىنىشنى باشلىغان ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا.

779695
ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، مىسىر، قاتار، ئىران ۋە ئىيوردانىيەدە تارقىتىلىشقا باشلانغان تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تۈركىيە بولغان سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى ۋە قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

بولۇپمۇ  قارادېڭىز رايونى ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭ ئارزۇلۇق ماكانىغا ئايلاندى. قارا دېڭىز رايونىنىڭ ياپ - يېشىل تەبىئەت مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.

رايونغا كەلگەن ساياھەتچىلەر يايلاق ساياھىتىگە ئالاھىدە قىزىقماقتا.

تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەسىرىدە تۈركچە ئۆگىنىشنى باشلىغان ئەرەب ساياھەتچىلەرنىڭمۇ سانى ئاشماقتا.

ساياھەتچىلەر سەيلە قىلغان جايلار ئارىسىدا ئۇزۇنگۆل ۋە ئايدەر يايلىقى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ يەرلەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، %50 يۇقىرى ئۆرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر