ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2017-يىل ئاپرېل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك كۈچى ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

771981
ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاپرېل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشسىزلىق رەقەملىرىدە داۋاملىق تۆۋەنلەش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىل مارت ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %11.7 بولغان، ئاپرېل ئېيىدا بۇ سان %10.5 گە تۆۋەنلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىدا 519 مىڭ كىشى ئېشىپ، 28 مىليون 157 مىڭغا يەتكەن. ئەمگەك كۈچىگە قېتىلغانلارنىڭ سانىدا 982 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، 31 مىليون 444 مىڭغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر