تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاموژنا بىرلىكى ئەھدىنامىسىنى يېڭىلاش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

758990
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل زىيارىتى جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى كېكىلىئا مالمىستىرۆم، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، قوشۇمچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سېلىنما، تەرەققىيات ۋە رىقابەت ئىشلىرى مەسئۇل ئەزاسى جىرىكى كاتائىنېن بىلەن كۆرۈشتى.

زەيبەكچى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاموژنا بىرلىكى ئەھدىنامىسىنى يېڭىلاشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇنىڭ قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن كېيىن كۈزدە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەنقەرەدە باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.»

ئۇ يەنە سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بېلگىيە ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بىلەنمۇ تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر