ئەردوغاننىڭ ھىندىستان زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئەردوغاننىڭ ھىندىستان زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

753414
ئەردوغاننىڭ ھىندىستان زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماي ئېيى بويىچە قويۇق دىپلوماتىك زىيارەتلەردە بولدى. بۇ زىيارەتلەرنىڭ مۇھىم بېكەتلىرىنىڭ بىرى ھىندىستان ئىدى. بۇ زىيارەت ۋە تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئەردوغاننىڭ ھىندىستان زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھىندىستان زىيارىتى، تۈركىيە تاشقى سىياسىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئەردوغاننىڭ ھىندىستانغا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بېرىشىمۇ بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. بۇ نۇقتىغا ئەردوغاننىڭ يېڭى باسقۇچتا يولغا قويىدىغان ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ بىر ئىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ.

بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ھىندىستان، ھىند ئوكياندىمۇ تەبىئىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئەرەب دۇنياسى بىلەن مالاي دۇنياسى ئارىسىدىكى ئۆتۈش نۇقتىسىغا جايلاشقان. باي ئېتنىك قۇرۇلمىسى ئارىسىدا تۈركلەرگە ئوخشاش باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ مۇسۇلمان قاتلاملارمۇ بار. 7 رايون، 28 فېدېراتسىيە ئارقىلىق باشقۇرۇلۇۋاتقان ھىندىستاندا 22 پەرقلىق تىل ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك ۋە كۆپ تىللىق ھىندىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى قەدىم چاغلارغا تايىنىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى لوگوسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ بىرى ھىندىستاندا قۇرۇلغان تۈرك بابۇر ئىمپېراتورلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۆۋەتتە ھىندىستاندا 30 مىليون ئەتراپىدا تۈرك ئەسىللىك كىشى ھايات كەچۈرمەكتە.

ھىندىستان كۈچلۈك سېتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە 200 – 300 مىليون ئىستېمالچى ياشايدىغان، مۇقىم ماكرو ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا ئىگە بىر بازار. تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى ئاشماقتا. بىراق، ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسى نۇقتىسىدىن قارالغىنىدا، زىيان تارتىۋاتقان تەرەپ تۈركىيەدۇر (ھىندىستاننىڭ تۈركىيەدە ناھايىتى زور ھەجىملىك سېلىنمىلىرى بار. 200 دىن ئارتۇق ھىندىستان شىركىتى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيىتى بولسا، ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ). ھىندىستان نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، 2030- يىلىغا بارغاندا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلىنىدۇ. تۈركىيە ھىندىستانغا نىسبەتەن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقكە ئېچىلىشتىكى مۇھىم بىر شېرىك بولۇشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى 6 يېرىم مىليارد دوللار ئەتراپىدا. بۇ يېتەرلىك سان ئەمەس. بۇ ساننى قىسقا مەزگىلدە 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پايدىلىق بولسا كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە ھىندىستاندا تاموژنا باجلىرى ئېغىر. ھىندىستان لىبېراللىشىش يولىدا تاشلانغان پۈتكۈل قەدەملەرگە قارىماي، ئېغىر تاموژنا باجلىرى ئارقىلىق يەرلىك سانائەتنى قوغداشقا تىرىشماقتا. ھىندىستان ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خام ماددا ئىمپورت بېجىنى %10، مەھسۇلات بېجىنى بولسا، %20 چۈشۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىراق، كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، باج ئومۇمىي سوممىسى مەزكۇر سىزىقتىن خېلىلا يۇقىرى. بەزىدە قوشۇمچە باجلار ئىلاۋە قىلىنغىنىدا، بىر مەھسۇلاتنىڭ بېجى باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىپ قالىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ بانكىچىلىق سىستېمىلىرى ئارىسىدا ھازىرچە بىر ھەمكارلىق يوق. تۈرك بانكىلىرىدىن ئېلىنغان كاپالەت مەكتۇپلىرى ھىندىستاندا قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۆبە بانكا ئېچىش قىيىنچىلىقى مەۋجۇت، ۋاسىتىچى بانكىلار بىلەن قىلىنغان سودا راسخوتلىرى بەكلا قىممەتكە توختايدۇ. ھىندىستان بانكىلىرىدىن كېلىدىغان كىرېدىت ھۆججەتلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە تەپىسلاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا، رەسمىيەتنى تاماملاش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، بۇ خىل ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشى كېرەك.

ھىندىستاندا بولۇپمۇ سىياسەت ساھەسىدە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئىسلاموفوبىيا خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ خۇسۇستا ئېھتىياتچان بولۇش لازىم. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى سۈرئەت بىلەن راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ زىيارەتنىڭ يەنە بەزى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار؛ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا يېڭى دىيالوگ زېمىنىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى؛ ھىندىستان – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ھەسسە قوشۇشى؛ كەشمىر مەسىلىسىنىڭ بىرىنچى قەدەمدە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىشى، ئارقىدىن ھەل قىلىنىشىغا خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھىندىستاندىكى پوزىتسىيەلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى رول ئوينىشى مۇمكىن. چۈنكى، تۈركىيە بۇلارنى قىلالىغۇدەك ئىمكانىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت. ھىندىستاندىكى خېلىلا يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغان مۇسۇلمان نوپۇس ۋە ئۆتمۈشتە ھىندىستاندا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرىدىن قالغان ئىزلار، تۈركىيەنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىگە كۈچ بېغىشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ھىندىستان بىلەن تۈزۈلىدىغان بارلىق توختام ۋە كېلىشىملەردە پاكىستان ۋە ئافغانىستان مۇۋازىنىتىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. بۇ مۇۋازىنەت نەزەرگە ئېلىنمىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى بۇ ئىككى كونا دوستى ئاغرىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر زىيارەتلىرىنى ئىككى يىلدا بىر ئۆزئارا  ئىشقا ئاشۇرۇش پايدىلىقتۇر. بۇ زىيارەتلەر پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سەۋىيەسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل قاتلاملار بويىچە داۋاملىشىشى لازىم. تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچى ئالماشتۇرۇلۇشى، تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارا مۇناسىۋەتلەر گۈللەندۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ دائىرىدە ئورتاق مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش بېرىش زۆرۈر. خۇلاسىلىگەندە، ھىندىستان ئورنى، نوپۇسى، بايلىقى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك بىر دۆلەت بولۇپ، تۈركىيە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر