تۈركىيە رامىزاندا دۇنيادىكى مۇھتاجلارغا ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى رامىزاندا 64 دۆلەت ۋە 278 رايوندىكى مۇھتاجلارغا ياردەم بەرمەكتە.

752627
تۈركىيە رامىزاندا دۇنيادىكى مۇھتاجلارغا ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەلىك ياردەمسۆيەرلەر ۋە ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلمەكتە.

بۇ دائىرىدە تەخمىنەن 49 مىڭ ئېھتىياجلىق كىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلگەن مەركەزلەردىن بىرى 2013 – يىلى بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان فىلىپپىننىڭ ئورموك شەھىرى ئىدى.

ئورماك ۋە تاكلوبان شەھەرلىرىدە 2 مىڭ 500 ئائىلىگە رامىزانلىق ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

پەلەستىن، سېنېگال ۋە مالايشىيادىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرمۇ تۈركىيەدىن كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن تاپشۇرۇۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر