قاتار رويال داچ شېل بىلەن كېلىشىم تۈزدى
قاتار نېفىت شىركىتى (QP) ياۋروپا ئېنېرگىيە شىركىتى رويال داچ شېل (Royal Dutch Shell) بىلەن خەلقئارا دېڭىز تىرانسىپورتىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) قاچىلاش پونكىتلىرىنى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار نېفىت شىركىتى رويال داچ شېل شىركىتى بىلەن تۈزگەنسۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قاچىلاش پونكىتلىرىنى قۇرۇش كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، شىركەتنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى سائاد شەرىدە ئەلقائابى ۋە رويال داچ شېلنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بېن ۋان بېيۇردېن دوھادا يېقىلغۇ قاچىلاش پونكىتلىرىنى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىلغۇ قاچىلاش پونكىتلىرى ئۈچۈن ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى مۇۋاپىق جايلار كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. رويال داچ شېل قاتاردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىگە سالغان 20 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى بىلەن، قاتارنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
قاتار دۇنيادا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ%30 نى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 27 دۆلەتكە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.