زەيبەكچى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش نىسبىتىگە دائىر مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى مۇستەقىل سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، 2017 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %4 ئارتۇق ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
![زەيبەكچى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش نىسبىتىگە دائىر مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a7a0/9a57/e277/5938d808cac33.jpg?time=1718959597)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، «15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولسا، 18 – ئىيۇلدا بانكىلار خىزمەت قىلىۋاتاتتى» دېدى.
قاتار كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان زەيبەكچى، بۇ مەسىلىگە قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئادەتتىكىچە بىر كۆڭۈل ئاغرىقى، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى، بۇ كىرىزىسنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بىر كىرىزىس كۆرۈلسە، تۈرك مىللىتىنىڭ ھەردائىم قىيىن كۈنلەردە ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر يەردە بىر مۇنازىرە بولسا، بۇ مىللەت ئاجىز ئورۇندىكى قۇتقۇزىدۇ. رامىزاندا ھېچبىر قېرىندىشىمىز قىيىن ئەھۋالدا قالمىسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718959597)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.