تۈركىيە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتتىن بىرىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا 7 كۈچلۈك دۆلەتتىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.

746945
تۈركىيە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتتىن بىرىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى تۈركىيەنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى 0.5 ئاشۇرۇپ، % 3.5 كە چىقاردى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بانكا، تۈركىيە، خىتاي، بىرازىلىيە، مېكسىكا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە رۇسىيەدىن تەشكىل تاپقان تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا باشلامچىلىق رولى ئونايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر