خىتاي Moody’s نى قاتتىق ئەيىبلىدى
خىتاي كىرېدىت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody’s نى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەخمىنەن 30 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن Moody’s قاتتىق ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: « Moody’s دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى كۆپتۈردى، ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى كەمسىتتى، بىزگە قارشى ئۇيغۇن بولمىغان چارە – تەدبىرلەرنى قوللاندى.»
باياناتتا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 6.9 ئاشقانلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئيىتىنىڭ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 0.2 يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody’s تۈنۈگۈن خىتاينىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەل پۇلى ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ « Aa3» تىن « A1» دەرىجىسىگە تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى، كەلگۈسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ «مۇقىم» دىن «پاسسىپ» قا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.