تۈركىيە ئافرىقىغا ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئافرىقىغا 3 پاراخوت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىدۇ.

738571
تۈركىيە ئافرىقىغا ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئافرىقا ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە سۈكۈت قىلمىغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، سومالى، يەمەن ۋە سۇدانغا بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە يەنە بىرىنى ئىلاۋە قىلىدىكەن.

شەنبە كۈنى باشلىدىغان رامىزان ئېيى ئىچىدە يولغا چىقىدىغان 3 پاراخوتتىن ھەر بىرى 3 مىليون كىشىنىڭ 1 ئايلىق يېمەك - ئىچمەك ئېھتىياجىنى قامدايدىغان مىقداردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇيدىكەن.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كېرەم قېنىق ئەتە (25 ماي) مەرسىسنىڭ تاشۇجۇ پورتىدا پاراخوتلارنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر