تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

734177
تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ باي نېفىت زاپىسىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارس قولتۇقى ئەللىرى خەلقئارا بازارلاردا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، قاتار دېگەندەك باي نېفىت دۆلەتلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى رايونىنىڭ سودىسىدا نېفىت پائال رول ئوينايدۇ. تۈركىيە بولسا،  755 مىليارد دوللارلىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

رايون ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ، پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە كۈچلۈك ئالاقىسى بار. بۇ ئالاقە تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىدىمۇ ئىجابىي ئەكس ئەتمەكتە. رايوندا مۇھىم سودا شېرىكلىرى بار بولغان تۈركىيەنىڭ، پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن بولغان تاشقى سودا ھەجىمى بولسا، ناھايىتى كەڭ. رايون ئەللىرى ئىچىدىكى تاشقى سودا ھەجىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت، 9 مىليارد 100 مىليون دوللار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا، 4 مىليارد 900 مىليون دوللار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندۇر.

تۈركىيە رايوندىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە سودا ھەجىمىدە %36 ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئەھۋال، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەر خىل ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق، شېرىكچىلىك ۋە سېلىنما پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر. تۈركىيەدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان سېلىنمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە مۇئەييەن مىقداردا ئېشىش ھاسىل بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ سېلىنمىلار ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك ساھەسىگە مەركەزلەشمەكتە.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ كەلگەن مۇناسىۋەتلىرىدە قاتار ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. 21 دۆلەتكە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان قاتار، بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي گازنى سىرتتىن ئالىدىغان تۈركىيە بولسا، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ %68 ىنى قاتاردىن ئالىدۇ. مىللىي ئېنېرگىيە سىياسىتى دائىرىسىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشكە باشلىغان تۈركىيەنىڭ قاتار بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك بولغان تۈپ نىشانلارنىڭ بىرى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 9 – مايدا زىيارەتتە بولغان كۇۋەيت بولسا، رايوننىڭ نېفىت زاپىسىغا باي دۆلەتلىرىنىڭ يەنە بىرى. دۆلەت مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %70 ىنى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كىرىملىرى تەشكىل قىلىدىغان كۇۋەيتنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە، نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالسىمۇ، خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىشمۇ مۇمكىن. مەزكۇر زىيارەتنىڭ بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ دائىرىدە پارس قولتۇقى ئەللىرىدىكى بانكىلارنىڭ تۈركىيەدە شۆبە ئېچىشى، پارس قولتۇقى رايونىدىن كېلىدىغان سېلىنما ئۈچۈن بىر جەزبدارلىق ئامىلى بولدى. رايون بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا سودا پۇرسەتلىرى ۋە سېلىنمىلارنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ قەدەم، تۈركىيەنىڭ رايون بىلەن بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ماسلىشىشچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيەگە پارس قولتۇقى ئەللىرىدىن كېلىدىغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىككىنچى بىر ئامىل، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتقان شىركەتلەرنى مەنبە بىلەن تەمىنلەيدىغان تۈرك – پارس قولتۇقى ئەللىرى فوندىدۇر. تۈركىيە – پارس قولتۇقى ئەللىرى سودا مۇناسىۋەتلىرىگە كۈچ بېغىشلايدىغان بۇ فوندى، تۈركىيەدە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مالىيە، ئۈستقۇرۇلما، ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە بېرىلگەن تەقدىردە، بۇ ساھەلەرنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى تاشقى سودا ھەجىمى يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەمكارلىقلار دائىرىسىدە كۈچلۈك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. رايون دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا گۈللەندۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ كۈچىيىپ مېڭىشى ئۈچۈن، ئۆزئارا سېلىنمىلار قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى لازىم.

مەھسۇلات ۋە دۆلەت  بويىچە قىلىنىدىغان خىزمەتلەر ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدىغان زامانىمىز تاشقى سودىسىدا، تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر رايون خاراكتېرلىك سودا بوشلۇقىنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان شېرىكچىلىكلەر، تۈركىيەگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە پارس قولتۇقى سەرمايىسىنىڭ كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئۆزئارا مەبلەغلەرنىڭ سايىسىدا، رايون دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەم سىياسىي ھەم سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ گۈللىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر