ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 2017 – يىللىق باھار مەزگىلى ئىقتىسادىي مۆلچەرلەر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

730393
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار بۇ يىللىق مۆلچەرىنى %2.8 دىن %3 گە، 2018 – يىللىق مۆلچەرىنى %3.2 دىن %3.3 گە چىقاردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 2017 – يىللىق باھار مەزگىلى ئىقتىسادىي مۆلچەرلەر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تۇراقسىزلىقلارنىڭ قەدەممۇقەدەم ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆرلەشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، تۈركىيەدە سىياسىي تۇراقسىزلىقلارنىڭ ئازىيىشىنىڭ ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، سېلىنما ۋە ئىستېمالنى ئاشۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەدە ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ 2018 – يىلى تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى، خەۋپ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تۈركىيە بانكلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچكى سېلىنمىلارغا ئىجابىي ھەسسە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، «تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت مالىيە ئىمكانىيەتلىرىنى زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا، ئىچكى تەلەپنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى، تېخىمۇ ياخشى گېئوپولىتىكىلىق مۇھىت سايىسىدا ساياھەتچى سانىنىڭ سۈرئەت بىلەن ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى» دېگەندەك مۇسبەت تەخمىنلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر