تۈرك ئېقىمى قۇرۇلۇشى باشلاندى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى (Gazprom) نىڭ تۈرك ئېقىمى لايىھەسى قۇرۇلۇشى باشلاندى.

727533
تۈرك ئېقىمى قۇرۇلۇشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنىڭ قارادېڭىزدىن ئۆتىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قۇرۇلۇشنىڭ AllSeas شىركىتىگە ئائىت Audacia  ناملىق پاراخوت ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، قارادېڭىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قىسىملىرىغا تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ بولسا Pioneering Spirit  ناملىق پاراخوت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ھۆكۈمەتلەر ئارا تۈرك ئېقىمى لايىھەسى كېلىشىمى دائىرىسىدە ھەر بىرى يىلىغا 15.75 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئىككى تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

بىرىنچى لىنىيەدىن تۈركىيەگە، ئىككىنچى لىنىيەدىن بولسا كاپالەتنامە بەرگەن تەقدىردە ياۋروپاغا تەبىئىي  گاز يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر