« تۈركىيە 100 ئەقىللىق شەھەر لايىھەسىگە داخىل بولۇشقا تەييار»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 100 ئەقىللىق شەھەر لايىھەسىگە داخىل بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
724350
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇلۇش ساھەسى تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا تۈركىيە – ھىندىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈرك ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى 100 ئەقىللىق شەھەر لايىھەسىگە داخىل بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا مودى بولسا 15 مىليون ئۆي سالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، «تۈرك شىركەتلىرىنىڭ بۇ لايىھەگە داخىل بولۇشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.