تۈركىيە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم قەدەم تاشلىدى
دۇنيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ % 60 ىتىدىن كۆپرەكى تۈركىيەنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بولۇپ، تۈركىيە بۇ دائىرىدە ئېنېرگىيە كارىدورى ھېسابلىنىدۇ.
720215
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئكتىپچانلىق بىلەن تاشلىغان تۇنجى قەدىمى بارباروس ھايرەتتىن پاشا پاراخوتىنىڭمۇ ئاقدېڭىزدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدۇر. بۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تېپىلغۇسى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنىڭ تۈركىيەگە يۈزلىنىشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدىكەن. ئىسرائىلىيە، سۈرىيە، لىۋان، مىسىر ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېنېرگىيە كارىدورىدا نوپۇزىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان رايوندا تۈركىيە بۇ قەدىمى ئارقىلىق تېخىمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.