تۈركىيە بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى

ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىنىڭ مۇئەييەنلىشىشى بىلەن تەڭ دوللارنىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى.

714165
تۈركىيە بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسى خەلقنىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى 3 لىرا 62 قۇرۇشقىچە تۆۋەنلىدى.

ئامېرىكا دوللىرى جۈمە كۈنى 3 لىرا 69 قۇرۇش ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەپتىلىك يېپىلىشقا ئازلا قالغاندا 3 لىرا 73 قۇرۇشقا ئۆرلەپ كەتكەنىدى.

ئانالىزچىلار، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسىنىڭ تەكلىپنى خەلقنىڭ قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىشىنىڭ تۈركىيە لىراسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر