ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى رىچموند باشلىقى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى رىچموند شۆبىسى باشلىقى جېفرى لاكېر، باشقىلارنى بانكىنىڭ مەخپىي ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

706144
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى رىچموند باشلىقى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېفرى لاكېر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2012 – يىلى   Medley Global Advisorنىڭ ئانالىزچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

2012 – يىلى مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر ئانالىزچىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاكېر، ئانالىزچىنىڭ ئەتىسى تەييارلىغان دوكلاتىدا تېلېفون سۆھبىتىدە ئىگىلىگەن مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان لاكېر، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رىچموند تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىنغانلىقى ۋە يېڭى باشلىقنى تەيىنلەش تەييارلىقلىرىنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر