تۈركىيە – رۇسىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىلى «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى» ئېلان قىلىندى.

689386
تۈركىيە – رۇسىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – رۇسىيە ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىندا ئىمزالانغان كېلىشىم ئارقىلىق 2019 – يىلى «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى» ئېلان قىلىندى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى بىلەن رۇسىيە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋلادىمىر مېدىنىسكى ئىمزالىغان كېلىشىم دائىرىسىدە 2019 – يىلى بويىچە ئىككى دۆلەتتە ئەدەبىيات ساھەسىدە كونفېرانس، كۆرگەزمە، كونسېرت، فىلىم، تىياتىر، ئوپېرا قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەنئەنىۋى سەنئەتلەردىن سىرت يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى زامان سەنئەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە ۋە رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق لايىھەلەر ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە پىروگراممىلار ئالماشتۇرۇلىدۇ.

مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنىڭ كەلگۈسى يىللاردا ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ تۈرتكلىك رول ئوينىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر